kolayjs دىگەن نىمە؟

kolayjs بولسا node.js سۇپىسىدا ئىجرا بولىدىغان javascript تىلدىن پايدىلنىپ يىزىلغان node.js مودىلى بولۇپ ،بۇ مودىل ئالگورىتىمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ،جۈملىدىن سانلار گۇرۇپپىسى ،ھەرىپلەر تىزمىسى،ۋە ھۆججەت مەشغۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،بۇ مودىل سانلار گۇرۇپىسى،ھەرىپلەر تىزمىسى ۋە ھۆججەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىدىغان نورغۇنلىغان فۇنكىسيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ،بىز kolayjs تەمىنلىگەن مۇشۇ فۇنكىسيەلەردىن پايدىلىنىپ ماس ھالدىكى مەشغۇلاتنى بىرتەرەپ قىلالايمىز

قولايjs نى قاچىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىنزىڭ كومپيۇتېرىڭزغا nodejs سۇپىسى قاچىلانغان بولۇشى كىرەك ،قولاي nodejs سۇپىسىدا يىزىلغان بولۇپ،قولاي js نىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن نودى سۇپىسى تەلەپ قىلىنىدۇ ،نودى سۇپىسىنى قاچىلاش ئۈچۈن باش بىتىگە كىرىپ ۋىندوۋس دا ئىجرا بولىدىغان نۇسخىسنى تاللاپ قاچىلۋەتسڭىزلا بولىدۇ،قاچىلاش ئۇسۇلى ئادەتتىكى ۋىندوۋس دېتاللىرىنى قاچىلغانغا ئوخشاش،ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ kolayjsنى قاچىلايسىز

     npm install kolayjs
      
قولايjsئۈچ دانە api ئىغىزى تەمىنلىگەن بولۇپ،ھەربىر ئىغىزدا نورغۇنلىغان فۇنكىسيەلەربار ،بىز مۇشۇ فۇنكىيسەنى چاقىرىش ئارقىلىق ماس ھالدىكى مەشغۇلاتلارنى بىر تەرەپ قىلالايمىز

قولايjs تەمىنلىگەن api نى ئىشلىتىش

قولاي js تەمىنلىگەن ئۈچ چڭ ئىغىز بۇلار تۆۋەندىكىچە
     sanlar();
hariplar();
hujjat();
     
بۇ ئۈچ ئىغىزنىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا نورغۇنلىغان فۇنكىسيەلىرى بار،ئەگەر بىز سانلار گۇرۇپپىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلامقچى بولساق،sanlar ئىغىزنى ئىشلىتىمىز،ئەگەر بىز ھەرىپ بەلگىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتنى بىرتەرەپ قىلماقچى بولساق ھەرىپلەر ئىغىزنى ئىشلىتمىز،ھۆججەت ئىغىزىمۇ مۇۇشنىڭغا ئوخشاش.

بۇ ئۈچ ئىغىزغا ئۇلاش ئۇسۇلى:

 san=require("kolayjs").sanlar();
 harip=require("kolayjs").hariplar();
 hujjat=require("kolayjs").hujjat();
بۇ ئۈچ ئىغىزنىڭ قايسىسىنى ئىشلەتمەكچى بولساق يۇقارقى شەكلىدە ئۇلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ،ئاندىن بىز ماس ھالدىكى فۇنكىسيەلەرگە كىرەلەيمىز،بۇ قولاي js مودىلىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن يۇقارقى شەكىلدە ئۇلىنىشى كىرەك،بولمىسا خاتالىق يۈز بىرىدۇ